SORIMAYDU-文本歌词

SORIMAYDU-文本歌词

MOMINJAN_ABLIKIM穆明江
发行日期:

作词 : غولامجان نۇرمەتوف
作曲 : ئىقبال مۆمىن
سورىمايدۇ
مۆمىنجان ئابلىكىم
ئېيىت قەلەمىم نىمەم قالدى يېزىلمىغان
كۆكسۈمگە باق جاي قالمىدى قېزىلمىغان
بىر دەردىم بار بىر گۈزەل قىز ھېچ بىلمەگەن
سورىمايدۇ
غېمىم كۆرۈپ غەملەر يۈرەك تىغلەدىلەر
ياشىم كۆرۈپ ياشلار يۇم-يۇم يىغلەدىلەر
قول تاپمىدىم ياشىم سۈرتۈپ باشىم سىلار
سورىمايدۇ سورىمايدۇ
سورىمايدۇ سورىمايدۇ سورىمايدۇ
ھالىڭ نە دەپ بىر باغرى تاش سورىمايدۇ
سورىمايدۇ سورىمايدۇ سورىمايدۇ
ھالىڭ نە دەپ بىر باغرى تاش سورىمايدۇ
♬♬♬♬♬
يولىن پايلاپ نى نى ئۇمۇت سۇنۇپ كەتتى
يالغۇزلىقتىن كۆيدى كۇڭۇل كۆنۈپ كەتتى
دىلباغىمغا كەلدى قوزغۇن قۇنۇپ كەتتى
سورىمايدۇ
سۆزلىرىم كۆپ ئول باغرى تاش سەنەمىمگە
دەردىم ئېيتتىم بۇ كەچ يەنە قەلەمىمگە
بىر كۈن ئۆلسەم چىدالماي ئىشىق ئەلەمىمگە
سورىمايدۇ
غەمىم كۆرۈپ غەملەر يۈرەك تىغلەدىلەر
ياشىم كۆرۈپ ياشلار يۇم-يۇم يىغلەدىلەر
قول تاپمىدىم ياشىم سۈرتۈپ باشىم سىلار
سورىمايدۇ سورىمايدۇ
سورىمايدۇ سورىمايدۇ سورىمايدۇ
ھالىڭ نە دەپ بىر باغرى تاش سورىمايدۇ
سورىمايدۇ سورىمايدۇ سورىمايدۇ
ھالىڭ نە دەپ بىر باغرى تاش سورىمايدۇ
♬♬♬♬♬
سورىمايدۇ سورىمايدۇ سورىمايدۇ
ھالىڭ نە دەپ بىر باغرى تاش سورىمايدۇ
سورىمايدۇ سورىمايدۇ سورىمايدۇ
ھالىڭ نە دەپ بىر باغرى تاش سورىمايدۇ