Yurak-文本歌词

Yurak-文本歌词

elijangupur
发行日期:

作词 : Askar Kurban
作曲 : elijangupur
يۈرەك سېنى سېغىندى،
سېغىندىڭمۇ نىگارىم؟
ئۇيقۇ قاچتى كۆزلەردىن،
بىلدىڭمۇ سەن دىلدارىم؟

كۈلۈپ تۇرغان سىمايىڭ.
كۆزئالدىمدىن كەتمىدى.
سەن بولمىغاچ يېنىمدا،
سېغىنىش زەپ قىينىدى.

سوقار يۈرەك رېتىمسىز،
سېنى دەپلا ھەركۈنى.
ئاشىقلىقنىڭ دەردىدە،
يۈرەك قاتتىق ئاغرىدى.

يۈرەك سېنى سېغىنىدى،
سېنى دەپلا يىغلىدى.
يوللىرىڭغا تەلمۈرۈپ،
سېنى كۈتۈپ كۈلمىدى.