Asanmu-文本歌词

Asanmu-文本歌词

发行日期:

رەنجىمىگىن ئەي ئاشىقىم كۆيگەن يامانمۇ

كۆڭۈل بېرىپ چىن يۈرەكتىن سۆيمەك ئاسانمۇ

سۇ ئىچمىسە ئاشىق كۆڭۈل مەشۇق دىلىدىن

بۇ كۆيمەيدۇ ئوتلار كەشتە سالغان بىلەنمۇ

سۇ ئىچمىسە ئاشىق كۆڭۈل مەشۇق دىلىدىن

بۇ كۆيمەيدۇ ئوتلار كەشتە سالغان بىلەنمۇ

كۆڭۈل بېرىپ چىن يۈەكتىن سۆيمەك ئاسانمۇ

كۆيمەي تۇرۇپ بۇ يۈرەكنى بەرمەك ئاسانمۇ

يار ئوتىدا كۆيگەن يۈرەكنىڭ داۋاسى بولماس

بۇ ئوتلىرىڭ ئۆچمەيدۇ يار مۇزلار تاڭسىمۇ

يار ئوتىدا كۆيگەن يۈرەكنىڭ داۋاسى بولماس

بۇ ئۆچمەيدۇ مۇز ئوكيانغا بارغان بىلەنمۇ

♪♡♬♡♪

سېنى كۈتتۈم مەن نەچچە يىل كۈتمەك ئاسانمۇ

يايرى تۇرۇپ تەنھالىقتا ئۆتمەك ئاسانمۇ

بولۇپ قالدىم تىرىك مۇردا قالمىدى دەرمان

ئاڭلالارمەن راسىت سۆزۈڭنى زادى قاچانمۇ

بولۇپ قالدىم تىرىك مۇردا قالمىدى دەرمان

ئاڭلالارمەن راسىت سۆزۈڭنى زادى قاچانمۇ

ياخشى كۆرگەن ئاشىقىدىن كەچمەك ئاسانمۇ

ئەلەم يۇتۇپ كۆز ياشىنى تۆكمەك ئاسانمۇ

قايغۇ بېسىپ ئەلەم بېسىپ تۇرغان يۈرەكتىن

ياشقا تولغان كۆزى بىلەن كۈلمەك ئاسانمۇ

قايغۇ بېسىپ ئەلەم بېسىپ تۇرغان يۈرەكتىن

ياشقا تولغان كۆزى بىلەن كۈلمەك ئاسانمۇ

ياشقا تولغان كۆزى بىلەن كۈلمەك ئاسانمۇ