[00:06.58]يامان كۈنلەدە تۇققانتۇق
[00:10.5]روناخ تاپقاندا ياتلاشتۇق.
[00:14.44]پالازدىن تەستە ئايرىلىپ،
[00:17.86]گىلەم ئاسقاندا ياتلاشتۇق.
[00:23.91]تامام ئۇنتۇلدى ھەم زاغرا،
[00:27.75]تۇقاچ ياققاندا ياتلاشتۇق.
[00:32.6]ئۇچۇپ چىقتۇق دىسەك كۆككە،
[00:35.90]قانات قاققاندا ياتلاشتۇق
[00:41.89]ئاناڭ كەتتى بىرەر ئۆيدە،
[00:45.93]تۈزۈك تۆتكۈن تۇرالماستىن!
[00:50.40]تىلىڭنى تاختىغا... نانلار،
[00:53.59]ئازاپلاندى سۇرالماستىن!
[01:00.1]داداڭنى ھەم كەتكۈزدۈڭ.
[01:03.91]بىرەر پاقلان سۇيالماستىن!
[01:08.50]شۇلار ھەسرەت بىلەن نىمجان،
[01:11.72]تىنىپ ياتقاندا ياتلاشتۇق.
[01:22.31]。 。 。 。
[01:25.53]زۆرۈر بولسا مالاي قىلدۇق،
[01:29.9]شۇلارغا نەۋرە باقتۇردۇق.
[01:33.53]كىلىنلەر چاچ تاراپ يۈردى،
[01:37.4]شۇلارغا ناننى ياققۇزدۇق.
[01:41.14]قىلىپ تەرە...بەزەن جاھان،
[01:45.32]جاھاندا يوقنى تاپقۇزدۇق.
[01:49.84]باقار چاغدا باھانە كۆپ،
[01:53.13]كىسەل ياتقاندا ياتلاشتۇق.
[01:57.85]باقار چاغدا باھانە كۆپ،
[02:00.99]بەدەل قاچقاندا ياتلاشتۇق.
[02:07.76]ئاناڭ كەتتى بېرىپ بىزدىن،
[02:11.44]دىمەك بىزدىنمۇ ياز كەتتى.
[02:15.83]چالارغا ساز ئىچەرگە ئاز،
[02:18.88]كۆڭۈل دىن بىرگە ياز كەتتى.
[02:25.52]غىزادا ئۆتتى ھېيىت-ئايەم،
[02:28.99]قىلالماي جەم قېرىنداشنى.
[02:33.88]ئۈتەرمىز ئۇچرىشىپ قالساق،
[02:37.22]ئارانلا لىڭشىتىپ تاتىپ!
[02:41.11]ئىناقتۇق كەپىدە توۋا،
[02:45.1]ساراي سالغاندا ياتلاشتۇق.
[02:49.39]تالاي يىللىق قېرىنداشتىن،
[02:52.69]مىراس ئالغاندا ياتلاشتۇق.
[02:59.84]مىراس ئالغاندا ياتلاشتۇق.