HiYal-LRC歌词

HiYal-LRC歌词

发行日期:

[00:00.000] 作词 : Rangsiz
[00:00.020] 作曲 : Rangsiz
[00:00.40]作曲 : Rangsiz
[00:05.73]作词 : Rangsiz
[00:12.79]يۈرىكىمنى قاپلىدى يالغان خىيال، تاپالمىدىم ساختىغا ئامال
[00:16.39]مۇھەببەتتىن قالمىدى ۋىسال، ئۈمىدسىزلىك مېنى قىلىۋالدى قامال
[00:19.63]يالغانچىلىق قاپلىدى تۇرمۇشۇمنى، چەكلىدى، يەكلىدى
[00:22.50]پەسلىدى، قەستلىدى توزۇتتى قۇرۇتتى مەندىكى ساداقەتنىڭ بېغىنى
[00:25.82]ھەر كىم ئويلايدۇ مەنپەئەتىنى، ئۇنۇتىدۇ ئۆزىنىڭ ئەسلى ۋەسلىنى
[00:29.10]بەلكىم تۇرمۇش ئالدىدا خارلىدى توسۇپ قويدى يولۇمنى
[00:32.27]لېكىن زارلىنىپ باقمىدىم ھەم ھېچكىمدىن ئاغرىنمىدىم
[00:35.63]بەلكىم ھېس قىلىپ قالدىم مەن خاتا ئىنسان قەلبىنى
[00:38.75]تويدۇممۇ دەيمەن تويمايمەن ، مېھرىڭگە پەقەتلا قانمايمەن
[00:42.0]بىلىمەن سەن مېنى ئالدايسەن ساقلايمەن قاچانغىچە ئوينايسەن
[00:45.31]ئوينايسەن تۇيدۇرماي ، چاندۇرماي مېنى ئالداشقا كۆپتۇر سەندە ئامال
[00:49.61]بىلىمەن مەنمۇ، ھەممىنى چۈشىنىپ يېتىمەن
[00:51.79]كۈلۈپ قويىمەن ھاياتىمدىكى يالغانلارغا
[00:54.15]كېچىدە يالغۇز مېڭىپ دىققەت قىلىمەن تەنھا ئايغا، يۇلتۇزلارغا
[00:58.15]رەھمەت دەيمەن كەينىمدىن قەستلەۋاتقان شۇ ئادەملەرگە
[01:01.55]ئادەم تولۇپتۇ قەستلەرگە ، ئۆزگىرىپتۇ ئۇلار پەسلەرگە
[01:04.75]ئورا كولىساڭ مەن سەن ئەمەس
[01:08.9]يۈرىكىمدە سەبى ھەۋەس
[01:11.29]مەن سەن ئەمەس ، مەن سەن ئەمەس
[01:14.74]ئىرادەم بار ، ئاكتىپ ھەۋەس
[01:17.82]ئورا كولىساڭ مەن سەن ئەمەس
[01:21.18]يۈرىكىمدە سەبى ھەۋەس
[01:24.35]مەن سەن ئەمەس ، مەن سەن ئەمەس
[01:27.74]ئىرادەم بار ، ئاكتىپ ھەۋەس
[01:31.58]سوئاللىرىم جىق ، لېكىن يوقتۇر جاۋاب
[01:32.58]ئۈزۈلدى مەندىكى بىر جۈپ قانات
[01:34.11]ئۇچالمايمەن ، لېكىن مەن تېخى ھايات
[01:35.53]ئېيتىۋاتقىنىم پەقەت ئەركىن ھېسسىيات
[01:37.21]كىمنىڭ تەقدىرى ئۆز قولىدا بۇ سوئاللار ئەسلى بىر سىر
[01:40.49]ھەقىقىي كۆڭلىدىن سۆيۈپ كۆيسىمۇ يوقتۇر ھېچبىر قەدىر
[01:43.53]بولدى ، نېمە سەۋەب نېمە دەۋەت ماڭدىم ، مەن خاتا يولغا
[01:46.83]كۆڭلۈمدە ھېچبىر يامانلىق يوقتۇر ، ئەمەلىيەتتە ئۆزۈم ياخشى بالا
[01:50.8]قارايمەن يىراقلارغا ، كۆز يەتكۈسىز جايلارغا
[01:53.42]كەچۈرۈمنى سورىغۇم بار ،مەن ئازار بەرگەن ئىنسانلارغا
[01:56.68]يالغان مۇھەببەت، يالغان دوستلۇقتىن مەن تولىمۇ زېرىكتىم
[01:59.89]تېرىكتىم لېكىن ھېچبىر نەرسىنى ئۆزگەرتەلمىدىم
[02:03.13]يالغۇز قالدىم مەن بەرگۈم كەلمىدى تۇرمۇشقا تەن
[02:06.16]ھېس قىلمىغاننى ھېس قىلغاندا دەيسەن ، تۇرمۇش دېگەن شۇنداقكەن
[02:09.74]مەنمۇ ئويلايمەن ، ھاياتىمنىڭ بىر گۈزەل بېغى بولسا
[02:12.96]باغ ئىچىدە گۈلى بولسا، چىن مېھىرلىك سۇنى قۇيسا
[02:16.25]يوقالسا مۇزدەك مېھىر ئويۇنغا تولغان ئاشۇ كۆڭۈل
[02:19.45]قەستلىگەن، پەسلىگەن يەكلىگەن كىشىلەر بۇ بېغىمدىن يوقالسا!
[02:22.80]ئورا كولىساڭ مەن سەن ئەمەس
[02:26.12]يۈرىكىمدە سەبى ھەۋەس
[02:29.33]مەن سەن ئەمەس ، مەن سەن ئەمەس
[02:32.73]ئىرادەم بار ، ئاكتىپ ھەۋەس
[02:35.91]ئورا كولىساڭ مەن سەن ئەمەس
[02:39.17]يۈرىكىمدە سەبى ھەۋەس
[02:42.31]مەن سەن ئەمەس ، مەن سەن ئەمەس
[02:45.67]ئىرادەم بار ، ئاكتىپ ھەۋەس
[02:49.60]تېكىست تەھرىرى:ئابدۇخالىق تەربى